يەرەمىيا 48:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 ئەي ئاروئېردا ياشاۋاتقانلار، سىلەر يوللارغا چىقىپ قاراڭلار. قېچىۋاتقان ئەر ۋە ئاياللاردىن ‹نېمە بولدى؟› دەپ سوراڭلار. Faic an caibideil |
ئىسرائىللار ئالدى بىلەن خەشبون شەھىرىدىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ قىرغىقىغا جايلاشقان ئاروئېر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئارنون جىلغىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تارتىپ، ئاممونلارغا چېگرالىنىدىغان ياببوق جىلغىسىغىچە ئىدى. بۇ زېمىن گىلئاد زېمىنىنىڭ جەنۇبىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.