Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 48:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 موئاب خەلقى ئۆزىنىڭ بۇت ئىلاھى كىموشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئىسرائىللار بەيتەلدىكى موزاي بۇتقا ئىشىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەندەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 48:13
21 Iomraidhean Croise  

سۇلايمان مەندىن ۋاز كېچىپ، سىدونلۇقلارنىڭ ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ ئىلاھى مولەككە چوقۇنۇپ، مېنىڭ يولۇمنى تۇتمىدى. ئۇ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي، ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قائىدە-تۈزۈملىرىمگە ئاتىسى داۋۇت رىئايە قىلغاندەك رىئايە قىلمىدى. شۇڭا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىمەن.


سۇلايمان موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش بىلەن ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، يېرۇسالېمنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تاغدا بىر سەجدىگاھ سالدۇردى.


ئاندىن ئىلياس ئۇلارغا: _ بائالنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تۇتۇڭلار، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويماڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۇلارنى تۇتتى. ئىلياس ئۇلارنى قىشون ئېقىنىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ يەردە قەتل قىلدى.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئامازياغا غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتى. پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: _ ئۆز خەلقىنى سېنىڭ قولۇڭدىن قۇتقۇزالمىغان بۇ ئىلاھلارغا نېمىشقا چوقۇنىسەن؟


موئابلار ئىبادەت قىلىشقا بارغاندا، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى بىكارلا ئاۋارە قىلىدۇ. ئۇلار بۇتخانىلىرىغا بېرىپ دۇئا قىلسا، قىلغان دۇئالىرىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.


بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇس قىلىدۇ، ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ.


ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار، يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار! ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ، ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!


لېكىن مېنىڭ موئابقا قارشى ئادەملەرنى ئەۋەتىدىغان ۋاقتىم كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار موئابنى شارابنى تۆككەندەك تۆكۈپ، قۇرۇقدايدۇ ۋە ئىدىشلارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


موئاب پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ، ئۇنىڭ خەلقى ھۆڭرەپ يىغلايدۇ ۋە ئېغىر ئاھانەتكە قالىدۇ! موئاب قورقۇنچلۇق ھالىتى بىلەن ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ.»


ئەي موئاب خەلقى، ھالىڭلارغا ۋاي! كىموشقا چوقۇنىدىغان خەلق، سىلەر تۈگەشتىڭلار! ئوغۇللىرىڭلار تۇتقۇن قىلىنىپ، قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


موئاب، سەن ئۆزۈڭنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭگە ۋە بايلىقىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ، لېكىن سەنمۇ ئەسىرلىككە ئېلىنىسەن. بۇت ئىلاھىڭ كىموش ۋە ئۇنىڭ روھانىيلىرى، خىزمەتكارلىرى بىرلىكتە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ ئىلاھىڭلار بولغان كىموش سىلەرگە بەرگەن زېمىنغا ئىگە بولۇڭلار، بىزمۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق زېمىنىغا ئىگە بولايلى!


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan