يەرەمىيا 47:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 دۈشمەن ئاتلىرىنىڭ تۇياق ئاۋازى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئۇنىڭ چاقلىرىنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. قورققىنىدىن مادارسىزلانغان ئاتىلار بالىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنمۇ كەينىگە قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. Faic an caibideil |
ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.