1 بۇ پىرئەۋننىڭ گازا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيەلىكلەر توغرىسىدا يەرەمىياغا ئېيتقان ۋەھىيسىدۇر.
ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى
پادىشاھ سۇلايمان تىفساختىن گازاغىچە، يەنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى، شۇڭا ئۇنىڭ تۆت ئەتراپى تىنچ ئىدى.
«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ، ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار! كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.
مىسىردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار، ئۇز زېمىنىنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ئاشقىلون، گازا، ئەقرون خەلقلىرى، ئاشدودتا ھايات قالغانلار،
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «فىلىستىيەلىكلەر ئەسىرلەردىن بېرى كۆڭۈللىرىدە ساقلاپ كەلگەن كونا ئۆچ-ئاداۋەتلىرى بىلەن يەھۇدىيەلىكلەردىن ئۆچ ئالماقچى ۋە ئۇلارنى يوقاتماقچى بولۇشتى.
شۇڭا مەن ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قول كۆتۈرىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كىرېت قەبىلىسىنى يوقىتىمەن، دېڭىز بويىدا ياشايدىغانلارنىمۇ قىرىپ تاشلايمەن.
ئەي تىر، سىدون شەھەرلىرى ۋە فىلىستىيەنىڭ بارلىق رايونلىرى، ماڭا نېمىشقا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسىلەر؟ سىلەر مەندىن ئۆچ ئالماقچىمۇ؟ ئەگەر مەندىن ئۆچ ئېلىۋاتقان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، بېشىڭلارغا تېزلا بالا-قازا چۈشۈرەي.