يەرەمىيا 46:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ. Faic an caibideil |
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا مۇسابىقىدە تېز يۈگۈرسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، جەڭدە باتۇر بولسىلا غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، دانا بولسىلا يېمەكلىككە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى، چېچەن بولسىلا باي بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بىلىملىك بولسىلا قەدىرلىك بولمايدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە پۇرسەت ۋە شارائىتمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.
لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.