4 ئاتلىرىڭلارنى جەڭ ھارۋىلىرىغا قېتىپ، ھارۋىلىرىڭلارغا چىقىڭلار! دۇبۇلغىلارنى كىيىپ، سەپ تۈزۈپ تۇرۇڭلار! نەيزىلىرىڭلارنى ئۇچلاپ ئۆتكۈر قىلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار!› دەيدۇ.
ئۇززىيا پۈتۈن لەشكەرلىرىنى قالقان، نەيزە، دۇبۇلغا، ساۋۇت، ئوقيا ۋە سالغا تاشلىرى بىلەن قوراللاندۇرغانىدى.
مۇشۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملىرىمنىڭ يېرىمى ئىشقا كىرىشتى، قالغان يېرىمى نەيزە، قالقان ۋە ئوقيالار بىلەن قوراللىنىپ، ئۇچىسىغا ساۋۇت كىيىپ قاراۋۇللۇق قىلدى. يېتەكچىلەرمۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالدى. يۈك توشۇغۇچىلارمۇ قوراللىنىپ تۇرۇپ ئىش قىلدى.
ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر، ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!
«مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.›
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «يايىڭلارنىڭ ئوقىنى ئۇچلاڭلار! قالقانلىرىڭلارنى ئېلىڭلار! پەرۋەردىگار مىدىيالىقلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قوزغاپ، ئۇلار ئارقىلىق بابىلنى گۇمران قىلماقچى. ئۇ ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن قىساس ئالىدۇ.
بابىل ئوقياچىلىرىنىڭ ساۋۇتلىرىنى كىيگىلى، ئوقيالىرىنى ئاتقىلى قويماڭلار. ئۇنىڭ قىران يىگىتلىرىنىمۇ ھايات قالدۇرماڭلار! ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرىنى تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىڭلار.
ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.
سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.
ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ جەڭ كىيىملىرىنى، يەنى ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇتنى ۋە بېشىغا تۇچ دۇبۇلغىسىنى كىيدۈرۈپ قويدى.
بېشىغا تۇچ دۇبۇلغا، ئۇچىسىغا زەنجىر ساۋۇت كىيگەن بولۇپ، ساۋۇتنىڭ ئېغىرلىقى 60 كىلوغا يېقىن كېلەتتى.