يەرەمىيا 46:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.» Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، شىمالدا دۈشمەن توپلىنىۋاتىدۇ، خۇددى سۇ ئۆرلەۋاتقاندەك. ئۇلار دەريادەك تاشماقچى بولۇۋاتىدۇ. پۈتكۈل زېمىندىكى ھەممە نەرسىلەر كەلكۈندە قالىدۇ، شەھەر ۋە ئادەملەر سۇ ئاستىدا قالىدۇ. كىشىلەر ئالاقزادە بولۇپ، ۋارقىرايدۇ. بۇ زېمىندا ياشايدىغان ھەممە كىشىلەر ئازابلىنىپ يىغا-زار قىلىدۇ.