Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 46:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 46:11
15 Iomraidhean Croise  

ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، ئىسمائىل قەبىلىسىگە تەۋە بىر كارۋاننىڭ گىلئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، دېۋىرقاي ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى.


ياقۇپ ئۇلارغا: _ ئۇنداق بولسا، باش ۋەزىرگە مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرەك، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ھەر خىل ئەڭ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋغا سۈپىتىدە ئالغاچ بېرىڭلار.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر. ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق! ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.


ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، يوللارغا بەلگە سېلىڭلار، يۆنىلىش تۈۋرۈكىنى ئورنىتىڭلار. سىلەر ماڭغان ئاشۇ يوللارنى ئېسىڭلارغا ئېلىڭلار. مېنىڭ قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، قايتىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ شەھەرلىرىگە قايتىپ كېلىڭلار.


ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر. سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.


لېكىن بابىل تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆكۈڭلار! ئۇنىڭ يارىلىرىغا مەلھەم سۈرۈڭلار، بەلكىم ئۇ شىپالىق تاپار.


گىلئادتا شىپالىق مەلھەم يوقمۇ؟ ئۇ يەردە تېۋىپ يوقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم تېخىچە ساقايمايدۇ.


يەھۇدىيەلىكلەر ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ سېنىڭ خېرىدارلىرىڭ ئىدى. ئۇلار مىننىتتىن كەلتۈرۈلگەن بۇغداي، تېرىق، ھەسەل، زەيتۇن يېغى ۋە پۇراقلىق مەلھەملەرنى ئېلىپ كېلىپ، سەندە تىجارەت قىلاتتى.


سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە.


سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر. سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ. كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!


بىلىپ قويۇڭلاركى، قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan