Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 46:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 46:10
25 Iomraidhean Croise  

بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىرنىڭ شىمالىي چېگراسىغىچە بولغان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.


ھەممىگە قادىر خۇدا نېمىشقا سوئال-سوراق كۈنىنى بەلگىلىمەيدۇ؟ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەمنى نېمىشقا بىكاردىن-بىكار ساقلىتىدۇ؟


ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى، ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.


«ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى، ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ، ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.


چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى، ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.


دۈشمەننىڭ لەشكەرلىرى تاقىر تاغلاردىن ئۆتۈپ كېلىدۇ. مەن پەرۋەردىگار بۇ قوشۇنلارنى قىلىچ قىلىپ ئىشلىتىمەن. ئۇلار پۈتكۈل زېمىننى جازالايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


«مىسىرلىقلارغا ئۇقتۇرۇڭلار، بۇنى مىگدول، نوپ ۋە تاخپانخېس شەھەرلىرىگە جاكارلاڭلار: ‹سەپ تۈزۈپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىڭلار. چۈنكى دۈشمەن قوشۇنلىرى قوشنا ئەللەرنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ.›


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ 4-يىلى، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدىكى كاركىمىش دېگەن جايدا مىسىر پادىشاھى نىكونىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. پەرۋەردىگار مىسىر قوشۇنلىرى ھەققىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەنىدى:


ئەڭ تېز يۈگۈرەلەيدىغانلارمۇ قېچىپ كېتەلمەيدۇ. باتۇر لەشكەرلەرمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى فىرات دەرياسى بويلىرىدا پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك، بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن.


ئەي بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلار، بابىلدىن قېچىپ چىقىپ، جېنىڭلارنى قۇتقۇزۇڭلار! ئۇنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن تۈگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇلاردىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى، مەن ئەمدى بابىلنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا تېگىشلىك جازاسىنى بېرىمەن.


ئەي ئادەم بالىسى، ئاممونلار ۋە ئۇلارنىڭ تارتىدىغان خورلۇقلىرى ھەققىدە بېشارەت بەر. ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «قىلىچ، قىلىچ غىلىپىدىن چىقتى، ئۇ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ، ئۇ چاقماقتەك چاقناش ئۈچۈن پارقىرىتىلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.


سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.


قارا ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى شىمالغا، ئاق ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى غەربكە ۋە چىپار ئاتلىق جەڭ ھارۋىسى جەنۇبقا بارىدۇ.


چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.


ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan