يەرەمىيا 44:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى26 ئەي مىسىردا ياشاۋاتقان بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلۇغ نامىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، يەھۇدىيەدىن كېلىپ مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسىنى مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا يول قويمايمەن. Faic an caibideil |
ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ.