Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 44:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 يەھۇدىيەدىن كېلىپ شىمالىي ۋە جەنۇبىي مىسىردا ياشاۋاتقانلاردىن بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرىدىغان ئاياللار ۋە بۇنىڭدىن خەۋەردار ئەرلەر بىر يەرگە توپلىنىپ، يەرەمىياغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 44:15
14 Iomraidhean Croise  

مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى.


مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: _ ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى سۇلايمانمۇ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزمىدىمۇ؟! ھەرقانداق ئەللەر ئارىسىدا سۇلايمانغا ئوخشاش بىر پادىشاھ بولمىغانىدىغۇ؟! خۇدا ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللىرى ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىدى.


سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


شۇڭا، سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى، مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم، بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم.


بۇ، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى مىگدول، تاخپانخېس ۋە نوپ شەھەرلىرىدە ھەمدە مىسىرنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى توغرىسىدا يەرەمىياغا چۈشكەن ۋەھىيدۇر:


ئاياللار: _ بىز ھەقىقەتەن «جەننەت خانىشى»غا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇندۇق. بۇنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز بىلىدۇ ھەم «جەننەت خانىشى»نىڭ شەكلىدە پېچىنە-پىرەنىكلەرنى پىشۇرۇشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشىمىزنى قوللايدۇ، _ دېدى.


ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.


تۇتقۇن بولغانلىرىنى مىسىرغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتىغا، يەنى مىسىرنىڭ جەنۇبىغا كېلىشىگە يول قويىمەن. ئۇلار ئۇ يەردە ئاجىز بىر پادىشاھلىق قۇرىدۇ.


مىسىرنىڭ جەنۇبىنى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن، زوئان شەھىرىگە ئوت قويىمەن، نو شەھىرىنى جازالايمەن.


- تار دەرۋازىدىن كىرىڭلار. چۈنكى، كىشىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا كەڭ، يول ئاسان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن كىرىدىغانلار كۆپ.


ئۇلار قىزىقتۇرغان ئۇ ئىلاھلار مەيلى يېقىن ئەتراپتىكى ياكى يىراق جايدىكى يات ئەللەرنىڭ ئىلاھلىرى بولسۇن،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan