9 _ تاشلارنى ئېلىپ كېلىپ، پىرئەۋننىڭ تاخپانخېستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى خىش يولنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويغىن. يەھۇدىيە خەلقى بۇنى كۆرسۇن.
ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
مىسىرلىقلار ئۇلارنى لاي ئېتىش، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئۇلارنى ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.
مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى،
ئاندىن ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقىن: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن خىزمەتكارىم بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىمەن. مەن كۆمۈلگەن بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەختىنى قۇرىمەن. بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ئۆز چېدىرىنى تىكىدۇ.
تاخپانخېس شەھىرىدە پەرۋەردىگار يەرەمىياغا مۇنداق دېدى:
مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيانى ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندەك، مىسىر پادىشاھى خوفرانىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.»
_ ئەي ئادەم بالىسى، بىر دانە كېسەك ئەكېلىپ، ئۇنى ئالدىڭغا قوي ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرۇسالېم شەھىرىنى ئويۇپ چىق.
مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.»
سىلەر سۇلارنى زاپاس ساقلاپ، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قورشاۋىغا تەييارلىق قىلىۋېرىڭلار! قورغانلىرىڭلارنى مۇستەھكەملىۋېرىڭلار! پۇتلىرىڭلار بىلەن لاي ئېتىپ، كېسەك قۇيۇپ، سېپىللىرىڭلارغا ئىشلىتىۋېرىڭلار!
بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ: - مۇقەددەس روھ دېدىكى، بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇشۇنداق باغلىنىپ، رىملىقلارنىڭ سوراق قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ! - دېدى.
ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى: «تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل، كۆرۈنمەيدۇ قايتا.