Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 43:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇنىڭ بىلەن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيە زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 43:4
10 Iomraidhean Croise  

شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئاھالىلەر قېرى-ياش دېمەي سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قېچىشتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورققانىدى.


پەيغەمبەرنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، پادىشاھ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى: _ ئاغزىڭنى يۇم، قاچاندىن بېرى سەن مېنىڭ مەسلىھەتچىم بولۇپ قالدىڭ، ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ؟ پەيغەمبەر بىردەم تۇرۇۋېلىپ، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: _ مەن بىلىمەن، خۇدا سېنى چوقۇم ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى سەن رەزىل ئىش قىلدىڭ ھەم نەسىھەتىمگە قۇلاق سالمىدىڭ.


ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.


شۇڭا مەن: «ئەقىل-پاراسەت قارا كۈچتىن غالىب» دەپ قارايمەن. لېكىن نامرات ئادەمنىڭ پاراسىتى كەمسىتىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ.


ئۇنىڭدىن كېيىن، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى گىبئوندا قۇتقۇزۇپ قالغان ھەممە كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئېلىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا لەشكەرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە بەزى ئەمەلدارلار بار بولۇپ، بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر ئىدى.


مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ماڭا سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئېيتقان ھېچقانداق سۆزىگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرىنى ھەمدە ھەممە تەبىقىدىكى كىشىلەرنى يىغدى.


لېكىن ئۇلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى، پەرۋا قىلمىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل يوللىرىدىن يانماي، بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشنى توختاتمىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan