يەرەمىيا 43:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ. Faic an caibideil |
مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.