Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 43:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يەرەمىيا خەلققە، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارغا ئېيتىشنى بۇيرۇغان بارلىق سۆزلەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 43:1
15 Iomraidhean Croise  

شۇنىڭ بىلەن لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: _ سىلەر بۇ شەھەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خاراب قىلماقچى، _ دېدى. لېكىن ئۇلار لۇتنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.


مۇسا قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى خەلققە بايان قىلدى. پۈتۈن خەلق: _ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى.


بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن!


لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن ئۆزۈڭنى ھەرگىز كىچىك چاغلىما. مەن سېنى نەگە ئەۋەتسەم، سەن شۇ يەرگە بارىسەن. مەن ساڭا نېمە دېيىشنى ئەمر قىلسام، شۇنى دەيسەن.


مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.


يەرەمىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغانلىرىنى خەلققە سۆزلەپ بولغان ھامان روھانىيلار، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئۇنى تۇتۇپ: _ سەن ئۆلۈشكە لايىق!


مەن بۈگۈن سىلەرگە ئېيتتىم، لېكىن سىلەر پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ماڭا سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ئېيتقان ھېچقانداق سۆزىگە ئىتائەت قىلمىدىڭلار.


لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.


بۇ خەلق پەرۋەردىگار توغرىسىدا يالغان سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ بىزنى ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچقانداق بالايىئاپەت كەلمەيدۇ. ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقمۇ بولمايدۇ.


سەن بۇ ئورام يازمىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى بىر تاشقا باغلاپ، فىرات دەرياسىغا چۆكتۈرۈۋەتكىن.


ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.


چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم.


- سىلەر مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، جامائەتكە يېڭى ھايات توغرىسىدىكى تەلىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىڭلار، - دەپ بۇيرۇدى.


سامۇئىل ئۆزىدىن بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەلققە پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan