Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 42:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 42:5
17 Iomraidhean Croise  

لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.


خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.


نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالماڭلار. كىمدەكىم نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.


سىلەر جانغا زامىن خاتالىق سادىر قىلدىڭلار. چۈنكى سىلەر مېنى «پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ، پەرۋەردىگارىمىز خۇدا نېمە دېسە، بىز ئۇنىڭ دېگەنلىرى بويىچە شۇنى قىلىمىز» دەپ مېنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن سوراشقا ئەۋەتتىڭلار.


ھوشايانىڭ ئوغلى ئازاريا، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان ۋە باشقا تەكەببۇر ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: _ يالغان سۆزلەۋاتىسەن! پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سېنى بىزگە «مىسىرغا بارماڭلار!» دەپ ئېيتىشقا ئەۋەتمىدى.


شۇنىڭ بىلەن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، بارلىق قوشۇن سەركەردىلىرى ۋە قالغان خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيە زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمىدى.


گەرچە ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەسەملىرىدە تۇرمايدۇ.»


ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا سىلەرنى دۇئالىرىمدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشىم ئۈچۈن، ئاخىر بىر پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۇنىڭدىن تىلەيمەن.


سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،


- لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«ئامىن ئاتالغۇچى، يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ:


ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى.


سامۇئىل ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. ئۇلار سامۇئىلغا: _ گۇۋاھ بولسۇن! _ دېيىشتى.


يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan