يەرەمىيا 42:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز، ئۇ بىزگە نەگە بېرىشىمىز ۋە قانداق قىلىشىمىز ھەققىدە يول كۆرسىتىپ بەرسە. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.