Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 42:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 لېكىن ھازىر، چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەككى، سىلەر بېرىپ ياشىماقچى بولغان جايدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلىسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 42:22
10 Iomraidhean Croise  

ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ، مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.


مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»


مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»


نىبۇكادنەزەر كېلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پېشانىسىگە كېسەللىك پۈتۈلگەنلىرى، كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ، سۈرگۈن قىلىنىش پۈتۈلگەنلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ، ئۇرۇشتا ھالاك بولۇشقا پۈتۈلگەنلىرى ئۇرۇشتا ھالاك بولىدۇ.


مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.


سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاشۇ خارابە شەھەردە ياشاۋاتقانلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، دالادا ماكان تۇتقانلارنى ياۋايى ھايۋانلارغا يەم قىلىمەن، قەلئە ۋە ئۆڭكۈرلەرگە مۆكۈنۈۋالغانلار ۋابادا ئۆلىدۇ.


ئەي ئەزەكىئەل، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيمەن: «سەن مەيدەڭنى ئۇرۇپ، يەرنى تېپىپ تۇرۇپ: ‹ئىسىت، ئىسىت!› دەپ ۋارقىرا. ئۇلار قىلغان بارلىق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن قىلىچتا، ئاچارچىلىق ۋە ۋابادا ئۆلىدۇ.


يىراقتىكىلىرى ۋابادا، يېقىندىكىلىرى قىلىچتا، قالغانلىرى ئاچارچىلىقتا ئۆلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قەھرىمنى چاچىمەن.


سىلەر ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلساڭلارمۇ، مىسىر بەرىبىر سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، نوپ شەھىرى سىلەرنى يەرگە كۆمىدۇ. كۈمۈشلىرىڭلار ئازغاننىڭ ئارىسىدا قالىدۇ، چېدىرىڭلارنى تىكەنلەر بېسىپ كېتىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan