Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 42:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 سىلەر قورققان ئۇرۇشلارغا ئۇ يەردە، يەنى مىسىر زېمىنىدا يولۇقىسىلەر. سىلەر قورققان ئاچارچىلىق كەينىڭلاردىن ئەگىشىپ بارىدۇ. سىلەر مىسىردا ھالاك بولىسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 42:16
13 Iomraidhean Croise  

گۇناھكارلارنىڭ كەينىدىن بالا قوغلىشار، ھەققانىيلار ياخشى ئىنئام ئالار.


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


يەرەمىيا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: _ لېكىن سىلەر «بۇ زېمىندا تۇرمايمىز» دەپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار


مەن سىلەرنى كۆزىتىمەن، بېشىڭلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى ئاپەت چۈشۈرىمەن. مىسىردا ياشاۋاتقان يەھۇدىيە خەلقى ئۇرۇش ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈپ تۈگەيدۇ.


سىلەر قىلىچتىن قورقىسىلەر، شۇڭا مەن قىلىچنى سىلەرگە تەڭلەيمەن. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»


ئۇنى بۇنداق قويۇپ بەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىم ھۆكۈمىتى ئىبادەتخانىمىزنى، ھەتتا مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! - دېيىشتى.


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.


تاكى سىلەر ھالاك بولغۇچە، پەرۋەردىگار سىلەرنى قىزىتما، ياللۇغ ۋە ئېغىر كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئىسسىق شامال ۋە قۇرغاقچىلىق ئەۋەتىپ، زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىدۇ ياكى نەملىك بىلەن چىرىتىدۇ.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇ ئەمر قىلغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلمىساڭلار، مۇشۇ قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ. تاكى سىلەر ۋەيران بولغۇچە سىلەرگە ياندىشىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan