Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 42:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ئەي يەھۇدىيەدە ئامان قالغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار! قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سىلەر مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى قارار قىلغان بولساڭلار،

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 42:15
8 Iomraidhean Croise  

ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى ئېلىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ ئالدىراپ يۈرۈپ كەتتى.


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


مىسىرغا كېتىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. ھېچكىم ھايات قالمايدۇ ياكى مەن ئۇلارغا چۈشۈرىدىغان ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.»


ئاندىن يەرەمىيا بارلىق كىشىلەرگە، بولۇپمۇ ھېلىقى ئاياللارغا مۇنداق دېدى: _ ئەي مىسىردا تۇرۇۋاتقان پۈتكۈل يەھۇدىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.


شىمالدىكى پادىشاھ پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، جەنۇبىي پادىشاھلىققا يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ جەنۇبتىكى پادىشاھنى يوقىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنىڭغا قىزىنى ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى.


پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan