يەرەمىيا 42:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 «ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم. Faic an caibideil |
شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!