يەرەمىيا 40:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 شۇنىڭ بىلەن بارلىق سەركەردىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى مىزپاھقا گىداليا بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغۇللىرى يوخانان ۋە يوناتان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، نىتوفالىق ئېفاينىڭ ئوغۇللىرى ۋە مائاكالىق يىزانيا قاتارلىق سەركەردىلەر ئىدى. Faic an caibideil |
يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، نىتوفالىق تانخۇمەتنىڭ ئوغلى سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى.
كېيىن قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان مىزپاھتىكى گىداليا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، مۇنداق دېدى: _ مېنىڭ نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىلنى ئۆلتۈرۈشۈمگە ئىجازەت بېرىڭ. كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. بولمىسا ئۇ سىزنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئەتراپىڭىزغا يىغىلغان بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر تارقىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قالغان يەھۇدىيە خەلقىمۇ تۈگەيدۇ.