Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 40:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يەرەمىيا بۇ يەردىن كېتىشكە تەمشىلىۋاتقاندا، قاراۋۇللار باشلىقى مۇنۇلارنى قوشۇپ قويدى: _ بۇ يەردە قالىدىغان بولساڭ، شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بارغىن. بابىل پادىشاھى ئۇنى يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن. قايتىپ كېتىپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ياشىغىن ياكى نەگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن. ئاندىن قاراۋۇللار باشلىقى يەرەمىياغا ئازراق يېمەكلىك ۋە سوۋغات بېرىپ، ئۇنى يولغا سالدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 40:5
24 Iomraidhean Croise  

ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:


شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ ئايالى ئىدى. شاللۇم تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمدىكى يېڭى مەھەللىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.


ۋە خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكاھنىڭ ئوغلى ئابدون، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:


ئەزرا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئۆز ئىبادەتخانىسىنى زىننەتلەش ئىستىكىنى پادىشاھنىڭ دىلىغا سالدى.


بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتەر!› دەيسەن، خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.


پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا ئادەمنىڭ تۇتقان يولى، پەرۋەردىگار ھەتتا ياراشتۇرار دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇنى.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ ئەي يەرەمىيا، ھالىڭدىن مەن خەۋەر ئالىمەن. دۈشمەنلىرىڭ قىيىنچىلىق ۋە بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، يېنىڭغا كېلىپ، سەندىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئۆتۈنىدۇ.


شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام يەرەمىيا تەرەپتە تۇردى، يەرەمىيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشىغا يول قويمىدى.


يەرەمىيانىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدىن ئېلىپ چىقتى ۋە ئۇنى شافاننىڭ نەۋرىسى، يەنى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىدالياغا تاپشۇردى. گىداليا ئۇنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ياشىدى.


لېكىن مەن ھازىر قولۇڭدىكى كىشەنلەرنى ئېلىۋېتىپ، سېنى قويۇۋېتىمەن. ئەگەر سەن مەن بىلەن بىرگە بابىلغا كېتىشنى خالىساڭ، مەن سېنىڭ ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن. ئەگەر بابىلغا كېتىشنى خالىمىساڭ، بۇ يەردە قالساڭمۇ بولىدۇ. بۇ زېمىندا نەگە بارغۇڭ بولسا، شۇ يەرگە بارساڭ بولىدۇ. قەيەرگە بېرىشنى ئۆزۈڭ تاللىغىن.


شۇ يىلنىڭ كۈز پەسلىدە ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى، يەنى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ئون ئادەمنى باشلاپ، مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا باردى. ئىسمائىل پادىشاھ جەمەتىدىن بولۇپ، پادىشاھ زىدقىيانىڭ باش سەركەردىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار مىزپاھتا گىداليا بىلەن غىزالىنىۋاتقاندا،


ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.


نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ بىلەن كەلگەن ئون ئادەم ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قىلىچلىرىنى چىقىرىپ، شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليا، يەنى بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.


ئەتىسى، سىدون شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. يۇلىيۇس پاۋلۇسقا كەڭچىلىك قىلىپ، ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ شۇ يەردىكى دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ يېنىغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلدى.


لېكىن، پاۋلۇسنى قۇتقۇزۇشنى خالىغان يۈزبېشى لەشكەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۇ ئۈزۈشنى بىلىدىغانلارنىڭ سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىشىنى،


ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.


شۇڭا، زەبۇردا يېزىلغاندەك يۈرەكلىك ئېيتالايمىزكى: «قورقمايمەن، رەببىم ياردەمچىمدۇر. كىشىلەر مېنى نېمە قىلالىسۇن؟»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan