Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن: ‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار، خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 4:5
16 Iomraidhean Croise  

ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ. شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ. ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.» ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار، ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!


_ مېنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلا ۋە ئۇلارنى يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ خەلقىگە يەتكۈزگىن.


لېكىن بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇ زېمىنغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىز: «يۈرۈڭلار، بابىل ۋە ئاررام قوشۇنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا بارايلى» دېدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىز ئەمدى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتىمىز.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا جاكارلىغىن، يەھۇدىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئۇقتۇرغىن:


جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.


كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.


مەن مۇنداق دەپ سورىدىم: «كىمنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بۇنداق بالايىئاپەتنى چۈشىنىشكە قادىر؟ كىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىلىق ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟ نېمىشقا بۇ زېمىن خاراب بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇ زېمىن ئادەم ئاياغ باسمايدىغان قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ؟»


گەرچە ئۇلار بۇرغا چېلىپ، ئۇرۇشقا تەييار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم جەڭگە چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇرغا چالغىن! دۈشمەن مېنىڭ خەلقىمگە خۇددى بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى بۇ خەلق مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزۇپ، قانۇنلىرىمغا خىلاپلىق قىلدى.


سىئوندا بۇرغا چېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغىدىن خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار! زېمىندىكى بارلىق ئادەملەر تىترىسۇن! پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى يېقىنلاپ كەلمەكتە، ئاز قالدى.


شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟


ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟ ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ! كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟


_ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن.


ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتتى. ئاز بىر قىسمى سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan