3 پەرۋەردىگار يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ: «قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار، تىكەنلىككە ئۇرۇق چاچماڭلار.
يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتلەرنى يەيسەن.
يەتتىنچى يىلى يەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاق قويۇڭلار. ئۆزى ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەرگە قالدۇرۇڭلار. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭلار بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭلارنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار.
سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ھەققانىيلىق ئۇرۇقىنى تېرىڭلار، ئۇنىڭدىن مېھىر-مۇھەببەت ھوسۇلى ئېلىڭلار. قەلب ئېتىزىڭلارنى يۇمشىتىڭلار. ھازىر سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىڭلارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلدى. مەن كېلىپ، ئۈستۈڭلارغا ھەققانىيلىقنىڭ يامغۇرىنى ياغدۇرىمەن.
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. نەتىجىدە، مايسىلار ھوسۇل بېرەلمەپتۇ.
تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.