يەرەمىيا 4:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى29 شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ. Faic an caibideil |
لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.
ئاندىن مەن بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. ئۇنىڭدا ئىگەم پەرۋەردىگار قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىبادەتخانا تۈۋرۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تەۋرىسۇن. ئۆگزىسىنى بۇزۇڭلار، ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرنى باسسۇن. مەن ھايات قالغانلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن. ھېچكىم قاچالمايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!