23 مەن مۇنداق دېدىم: «مەن زېمىنغا قارىدىم، ھېچ نېمە يوق، قاقاسلىق ئىدى. مەن ئاسمانغا قارىدىم، يورۇقلۇق يوق ئىدى.
ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ، ئۇ ئاۋاز خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا، ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ، يورۇقلۇقمۇ قارا بۇلۇتلاردىن خىرەلىشىدۇ.
ئەي ئاسمانلار، سىلەرگە شۇنى دەيمەنكى، بۇلاردىن ھەيران بولۇڭلار، چۆچۈڭلار ۋە ۋەھىمىگە چۈشۈڭلار.
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
زۇلمەتكە باشلاپ كىردى ئۇ مېنى، كۆرسەتمەيدۇ ئۇ ماڭا قۇياش نۇرىنى.
ئۇلار نەگىلا بارسا، ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ. كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ، زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.
ئۇ كۈن كەلگەندە، يورۇقلۇق ھەم سوغۇق بولمايدۇ، شۇنداقلا قىروۋمۇ چۈشمەيدۇ.
- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.