يەرەمىيا 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلغاندا، سەمىمىيلىك، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن قىلىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، باشقا ئەللەرمۇ ئالدىمغا كېلىپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار مەندىن پەخىرلىنىدۇ.» Faic an caibideil |
ماختىنىشقا توغرا كەلسە، مەن پەرۋەردىگارنى تونۇغانلىقى ۋە مېنى چۈشىنىدىغانلىقى بىلەن ماختانسۇن. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىم بىلەن ماختانسۇن. مەن ھەم ئاشۇنداق ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەردىن خۇرسەن بولىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
بۈگۈن كېچە بۇ يەردە قالغىن. ئەتە سەھەردە مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ ساڭا تۇغقانلىق ھەققىنى ئۆتەشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى بىلىپ باقاي. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىپ، سېنى ئەمرىگە ئالسا ياخشى، بۇ ئىش شۇنداق بولسۇن. ئەگەر خالىمىسا، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سېنى ئۆزۈم ئەمرىمگە ئېلىپ، بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن. ئەمدى سەن تاڭ ئاتقۇچە بۇ يەردە يېتىپ تۇر! _ دېدى.
داۋۇت مۇنداق دېدى: _ قەسەم قىلىمەنكى، ئاتاڭ سېنىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىچىدە: «بۇنى يوناتانغا بىلدۈرمەي، بولمىسا ئۇ ئازابلىنىدۇ» دەپ ئويلىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سېنىڭ جېنىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۆلۈمگە پەقەت بىر قەدەملا يىراقتىمەن، _ دېدى.