يەرەمىيا 4:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتراپتىكى ئەللەرنى بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغىن. بۇنى يېرۇسالېمغا جاكارلىغىن. يىراق ئەلدىن دۈشمەن قوشۇنلىرى كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. Faic an caibideil |
شۇڭا دۈشمەنلىرى ئۇلارنى خۇددى ئورمانلىقتىكى شىرلار ئولجىنى تىتقاندەك تىتىپ تاشلايدۇ. دۈشمەنلىرى ئۇلارنى قۇملۇقلاردىن كەلگەن بۆرىلەردەك يەۋېتىدۇ. دۈشمەنلىرى خۇددى يىلپىزلاردەك شەھەر سىرتىدا ساقلاپ يېتىپ، كىم سىرتقا چىقىشقا پېتىنسا شۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يېتىپ، ئاسىيلىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.
ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.