Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 38:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 38:7
22 Iomraidhean Croise  

ئۇ پادىشاھ يىھوياكىننى، خان ئانىسىنى، پادىشاھنىڭ ئاياللىرىنى، ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


مىسىردىن مۆتىۋەر ئەلچىلەر كېلەر، ئېفىيوپىيە خۇداغا خالىس ھەدىيە تەقدىم قىلار.


دىيانەتلىكتىن نەپرەتلىنەر قانخورلار، ئالماقچى بولار دۇرۇسنىڭ جېنىنى ئۇلار.


ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر: ‹پەرۋەردىگار مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن. ئاختا قىلىنغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دەپ يۈرمىسۇن.»


بىر ئېفىيوپىيەلىك تېرىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ يىلپىز ئۆزىنىڭ تاغىل رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياق! سىلەرمۇ ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگىنىڭلار ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلىشنى ئۆگىنەلمەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ھەمىشە رەزىل ئىش قىلىسىلەر.»


شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى.


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.


(بۇ ئىش پادىشاھ يىھوياكىن، خان ئانىسى، ئوردا ئەمەلدارلىرى، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمەلدارلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر يېرۇسالېمدىن سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنىدى.)


مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمنىڭ يېتەكچىلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى ئىككى پارچە قىلىۋېتىلگەن موزاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، مەن بىلەن ئەھدە تۈزگەن بارلىق كىشىلەرنى جازالايمەن.


لېكىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بىنيامىن دەرۋازىسىغا كەلگەندە، شۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى، يەنى شەلەميانىڭ ئوغلى، خانانيانىڭ نەۋرىسى يىرئىيا يەرەمىيانى تۇتۇۋالدى ۋە ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: _ سەن بابىللىقلارنىڭ قېشىغا قېچىپ كەتمەكچى بولدۇڭ!


ئەبەد-مەلەك ئوردىدىن چىقىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:


سىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئادالەتنى ياقىلىغۇچى ئاقساقاللارغا ئۆچ، سىلەر ھەق سۆزلىگەنلەردىن بىزار.


يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.


دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.


ئاتا-ئانىسى ئۇنى تۇتۇپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن ۋە:


لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan