Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 38:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پادىشاھ زىدقىيا: _ ئۇنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار. مەن سىلەرنى توسالمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 38:5
10 Iomraidhean Croise  

لېكىن داۋۇت: _ ئى زىرۇيانىڭ ئوغۇللىرى، كىم سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى سوراپتۇ؟! بۈگۈن خۇددى دۈشمىنىمدەك ئىش قىلىۋاتىسىلەر، مەن ھازىر ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرمەن. بۈگۈن ئىسرائىلىيەدە ھېچكىم ئۆلتۈرۈلمەيدۇ، _ دېدى


مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.


بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.


ماڭا كەلسەك، مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا، سىلەر ياخشى ۋە توغرا دەپ قارىغىنىڭلار بويىچە مېنى بىر تەرەپ قىلىڭلار.


كېيىن پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشتى ۋە ئۇنىڭدىن: _ پەرۋەردىگاردىن بىرەر ۋەھىي تاپشۇرۇۋالدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھەئە، تاپشۇرۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى يەرەمىيا، ئاندىن، _ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن، _ دېدى،


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر سولانغان ئورەككە تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى: _ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!


ئورەكنىڭ ئېغىزى قورام تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلدى. پادىشاھ ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن قورام تاشقا ئۆزىنىڭ مۆھۈرىنى باستى ۋە ئەمەلدارلىرىمۇ مۆھۈرلىرىنى بېسىشتى.


سائۇل: _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىزگە خىلاپلىق قىلدىم.


_ بىلىمەن، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى خۇدانىڭ پەرىشتىسىدەك ياخشى ئادەمسىز، ئەمما فىلىستىيەلىك سەركەردىلىرىمىز: «بۇ كىشى بىز بىلەن بىرگە جەڭگە چىقسا بولمايدۇ» دەپ قارار چىقاردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan