Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 38:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەر چوقۇم بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشىدۇ، ئۇلار شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ›».

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 38:3
7 Iomraidhean Croise  

سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»


«ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹ھازىر بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى سېپىللىرىڭلارنى قورشىۋېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىمەن، ھەتتا مەن دۈشمەنلىرىڭلارنى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگىچە ئېلىپ كىرىمەن.


شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەل بىلەن ئۆلىدۇ. شەھەردىن ئايرىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. بۇ ئادەملەر ئۆز جانلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.


لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ، داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرىدىغان پادىشاھ ۋە يېرۇسالېمدا قالغانلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە سۈرگۈن قىلىنمىغان تۇغقانلىرىڭلار ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاڭلار.


ئاندىن كېيىن بابىل قوشۇنلىرى قايتىپ كېلىپ، بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بېسىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.


ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan