يەرەمىيا 38:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.› Faic an caibideil |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.