Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 38:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 38:13
17 Iomraidhean Croise  

شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.


ئۇلارغا: «پادىشاھ مۇنداق پەرمان قىلىدۇكى، ماۋۇ كىشىنى زىندانغا تاشلاڭلار. مەن ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭغا جېنىنى ساقلىغۇدەكلا نان بىلەن سۇ بېرىڭلار» دەڭلار، _ دېدى.


ئۇزاينىڭ ئوغلى پالال ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى سېپىلنىڭ ئايلانمىسىنى ۋە مۇھاپىزەتچىلەر ھويلىسىنىڭ يېنىدىكى ئۈستۈنكى ئوردا مۇنارىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. پارئوشنىڭ ئوغلى پىدايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى،


دىيانەتلىكتىن نەپرەتلىنەر قانخورلار، ئالماقچى بولار دۇرۇسنىڭ جېنىنى ئۇلار.


شۇنىڭ بىلەن ئەمەلدارلار ۋە بارلىق خەلق روھانىيلارغا ۋە ساختا پەيغەمبەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ بۇ ئادەم ئۆلۈمگە لايىق ئەمەس! ئۇ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ نامىدا بىزگە سۆزلەپتىغۇ.


شۇ ۋاقىتتا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ زىدقىيا يەرەمىيانى قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭغا ناۋاي كوچىسىدىن تاكى بۇ شەھەردە نان تۈگەپ كەتكۈچە ھەر كۈنى بىر نان ئەكېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. شۇنداق قىلىپ يەرەمىيا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ قالدى.


ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: _ يىرتىلغان بۇ كونا كىيىملەر بىلەن قولتۇقىڭىزنى يۆگەپ، ئارغامچىنى ئۈستىدىن باغلاڭ، _ دېدى. يەرەمىيا ئەبەد-مەلەكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.


يەرەمىيا تاكى يېرۇسالېم ئىشغال قىلىنغۇچە قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇردى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەرەمىيانى تۇتۇپ كېلىپ، پادىشاھنىڭ ئوغلى مالكىياغا تەۋە بىر قۇدۇققا تاشلىدى. بۇ قۇدۇق قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئىدى. ئۇلار يەرەمىيانى ئېلىپ كېلىپ، قۇدۇقنىڭ ئىچىگە ئارغامچا بىلەن چۈشۈردى. قۇدۇقتا سۇ يوق بولۇپ، پەقەتلا پاتقاق بار ئىدى، يەرەمىيا پاتقاققا پېتىپ قالدى.


ئى ئىگەم، ئاقلاپ مېنى، قۇتۇلدۇردۇڭ ھاياتىمنى.


ئۇنىڭغا: - سېنى ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلغۇچىلار كەلگەندە بىر تەرەپ قىلىمەن، - دېدى ۋە لەشكەرلەرگە ئۇنى ھىرود خان سالغان ئوردىدىكى بىر ئۆيگە نەزەربەند قىلىپ قويۇشنى بۇيرۇدى.


ئىككى يىلدىن كېيىن، ۋالىي فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.


رىم شەھىرىگە كىرگىنىمىزدە، پاۋلۇسنىڭ بىرلا كۆزەتكۈچى لەشكەر بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.


پاۋلۇس ئۆزى ئىجارىگە ئالغان ئۆيدە ئىككى يىل تۇردى ۋە بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەن ھەممە كىشىلەرنى قوبۇل قىلىپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan