12 ئەبەد-مەلەك يەرەمىياغا: _ يىرتىلغان بۇ كونا كىيىملەر بىلەن قولتۇقىڭىزنى يۆگەپ، ئارغامچىنى ئۈستىدىن باغلاڭ، _ دېدى. يەرەمىيا ئەبەد-مەلەكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن ئەبەد-مەلەك ئادەملەرنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ، ئوردا خەزىنىسىنىڭ ئاستىدىكى ئۆيگە كىردى. ئۇ يىرتىلىپ كەتكەن كونا كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئارغامچىغا باغلاپ، قۇدۇقتىكى يەرەمىياغا تاشلىدى.
شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئارغامچا بىلەن يەرەمىيانى قۇدۇقتىن تارتىپ چىقاردى. ئەمما يەرەمىيا يەنىلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا تۇتقۇندا قالدى.
كۇش يۇرتىدىن بولغان ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك ئوردىدا يەرەمىيانىڭ قۇدۇققا تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بىنيامىن دەرۋازىسىدا سوت ئېچىۋاتقاندا،
بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار.
خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.
بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.