9 شۇڭا، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يەنە ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ‹بابىل قوشۇنلىرى چېكىندى، ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ› دەپ ئالدىنىپ قالماڭلار. چۈنكى ئۇلار قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇلار ئۆزىنى ئالداپ، بىھۇدىلىككە ئىشەنمىسۇن، بولمىسا بىھۇدىلىك ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن ئىنئامى بولىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار.
تەكەببۇرلۇقۇڭ سېنى ئالدايدۇ. سېنىڭ پايتەختىڭ قىيادىكى قورغاندۇر، ئۆيۈڭ ئېگىز تاغدىدۇر. شۇڭا سەن كۆڭلۈڭدە: ‹كىم مېنى بۇ يەردىن تارتىپ چۈشۈرەلەيدۇ؟› دەپ ئويلايسەن.
ئەگەر كىمدەكىم ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، باشقىلارغا ياردەم بەرمىسە، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئەمەلىيەتتە قالتىس ئەمەس.
ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.
بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ.
خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار.