5 پىرئەۋن قوشۇنلىرى ئاللىقاچان مىسىردىن يولغا چىققان بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان، يېرۇسالېمنى قورشاۋاتقان بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.)
بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىرنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى فىرات دەرياسىدىن تاكى مىسىرنىڭ شىمالىي چېگراسىغىچە بولغان زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.
مەن يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلەر بۇ يەردىن ۋاقىتلىق چېكىنگەن بابىل پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىدۇر.
پىرئەۋن قوشۇنلىرى كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بابىل قوشۇنلىرى يېرۇسالېمدىن چېكىنگەنىدى.
پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى: _ سېنى مەندىن ياردەم تىلەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەرگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن پىرئەۋننىڭ قوشۇنلىرى مىسىرغا، يەنى ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ.
لېكىن يەھۇدىيەگە تىكلەنگەن پادىشاھ بابىل پادىشاھىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەلچىلىرىنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، جەڭ ئاتلىرى ۋە لەشكەر سورىدى. ئەمما ئۇنىڭ غەلىبە قىلالىشى مۇمكىنمۇ؟! ئۇ مۇشۇنداق قىلسا جازادىن قانداق قېچىپ قۇتۇلالىسۇن؟! ئۇ ئەھدىنى بۇزغان تۇرسا، جازالانماي قالارمۇ؟!
بابىل پادىشاھى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يېرۇسالېمنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىگەندە، پىرئەۋننىڭ زور ۋە كۈچلۈك قوشۇنى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھىغا ياردەم بەرمەيدۇ.