Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 36:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان كىشىلەر ۋە يەھۇدىيە شەھەرلىرىدىن يېرۇسالېمغا كەلگەن باشقا كىشىلەر ئۆزلىرىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلاشقا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا روزا تۇتۇشقا كەلگەنىدى. يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى قىشتا، بۇ روزا تۇتۇش جاكارلانغانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 36:9
16 Iomraidhean Croise  

قورقۇپ كەتكەن يىھوشافات پەرۋەردىگاردىن مەدەت تىلەشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئۇ پۈتۈن يەھۇدىيە دائىرىسىدە روزا تۇتۇشنى جاكارلىدى.


ئوخشاش ئاينىڭ 24-كۈنى ئىسرائىللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، روزا تۇتتى. ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا توپا چېچىپ، قايغۇلىرىنى ئىپادىلەشتى.


_ سىز بېرىپ، سۇزا قەلئەسىدىكى بارلىق يەھۇدىيلارنى يىغىڭ. سىلەر مەن ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز ھېچ نەرسە يېمەي ۋە ئىچمەي، روزا تۇتۇڭلار. مەنمۇ كېنىزەكلىرىم بىلەن شۇنداق قىلىمەن. ئاندىن مەن قانۇنغا خىلاپ بولسىمۇ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلسەممۇ مەيلى.


يوشىيانىڭ ئوغلى يىھوياقىمنىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلى پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق ۋەھىي كەلدى:


قىش پەسلى بولغانلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قىشلىق سارايدا تۇرۇۋاتقانىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئوچاقتا ئوت كۆيۈپ تۇراتتى.


شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.


ئەي روھانىيلار، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، ھازا تۇتۇڭلار. ئەي قۇربانلىق سۇپىسى ئالدىدىكى خىزمەتكارلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، ئەي خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، كېچىدە ماتەملىك كىيىمىڭلار بىلەن يېتىڭلار. چۈنكى، ئەمدى خۇدايىڭلارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قالمىدى.


روزا تۇتۇشقا چاقىرىڭلار، مۇقەددەس يىغىلىشنى ئېلان قىلىڭلار. زېمىنىڭلاردىكى ئاقساقاللار ۋە بارلىق خەلقنى يىغىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەرۋەردىگارغا يىغلاڭلار.


_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.


شۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشقا قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ھەممىسى ماتەملىك كىيىم كىيىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارىغا ئاتاپ تۆكۈشتى ۋە كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan