Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 36:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇڭا يەھۇدىيەدىكى بارلىق كىشىلەر ئۆز شەھەرلىرىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا روزا تۇتقىلى كەلگەن كۈندە، سەن ئۇ يەرگە بارغىن. ئۇلارغا مەن ساڭا ئېيتقان، يەنى سەن تېرىگە پۈتكەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇپ بەرگىن. ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك ئوقۇغىن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 36:6
13 Iomraidhean Croise  

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي يەرەمىيا، سەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى بارلىق پۇقرالارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشكە تەييارلىنىپ، جازالاش پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن! شۇڭا، ھەربىرىڭلار رەزىل قىلمىشلىرىڭلاردىن يېنىپ، توغرا يولدا مېڭىشقا نىيەت قىلىڭلار!›


ئاندىن يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى ۋەھىي يەتكۈزۈشكە ئەۋەتكەن توفەت دېگەن جايدىن كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا تۇرۇپ، بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى:


ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ئەي داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان يەھۇدىيە پادىشاھى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال. بۇ سۆزلىرىمنى ئوردىنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىدىغان ئەمەلدار ۋە خەلقلىرىڭمۇ ئاڭلىسۇن.


مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.


_ سەن تېرە پارچىلىرىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا يوشىيا پادىشاھ بولغان چاغدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا قەدەر بولغان ئارىلىقتىكى ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە، شۇنداقلا باشقا بارلىق ئەللەر توغرىسىدا ساڭا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى يېزىپ چىققىن.


شۇنداق قىلىپ، يەرەمىيا نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئېيتىپ بەردى. بارۇك ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېرىگە پۈتۈپ چىقتى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسىدا تۇرۇپ، يەھۇدىيە خەلقىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى جاكارلاشنى بۇيرۇدى: «ئەي بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىشقا كىرگەن بارلىق يەھۇدىيە خەلقى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار.


ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياز بېشى، ياز ئوتتۇرىسى، كۈز، قىش ئايلىرىدىكى روزا تۇتۇش كۈنلىرى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىدىغان بايراملىرىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا سىلەر ھەقىقەت ۋە تىنچلىقنى سۆيۈڭلار.»


سەپىرىمىز خېلى ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ، كۈز پەسلى بولۇپ قالغانىدى. ئونىنچى ئايدىن كېيىن بوران كۆپ بولغانلىقتىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا، پاۋلۇس كۆپچىلىككە:


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan