Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 36:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 پادىشاھ يىھۇدىنى ئورام يازمىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ بېرىپ پۈتۈكچى ئەلىشامانىڭ خانىسىدىن ئۇنى ئېلىپ كېلىپ، پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تۇرغان بارلىق ئەمەلدارلارغا ئوقۇپ بەردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 36:21
7 Iomraidhean Croise  

ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.


ئاندىن پۈتۈكچى شافان يەنە پادىشاھقا: _ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.


ئۇلار ئۇنىڭغا: _ ئولتۇرۇپ، ئۇنى بىزگە ئوقۇپ بەرگىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن بارۇك ئولتۇرۇپ، تېرە پۈتۈكنى ئۇلارغا ئوقۇپ بەردى.


مۇنداق دېدى: _ سەن ئىبادەتخانامنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ تۇرغىن. يەھۇدىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن ئىبادەتخانامغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەن بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغىن. مەن ساڭا ئۇلارغا ئېيتىشنى ئەمر قىلغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي يەتكۈزگىن.


مەن سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىنىڭ چۈشلىرىنى ئېيتىۋەرسۇن. ئەمما مېنىڭ ھەقىقىي ۋەھىي يەتكۈزگۈچىلىرىم مېنىڭ ھەربىر سۆزۈمنى سادىقلىق بىلەن جاكارلىسۇن. پاخال بىلەن دان ئوتتۇرىسىدا پەرق بار!


ئاندىن ئولتۇرغان پۈتۈن ئەمەلدارلار نىتانيانىڭ ئوغلى، شەلەميانىڭ نەۋرىسى يەنى كۇشىنىڭ چەۋرىسى يىھۇدىنى بارۇكنىڭ قېشىغا ئەۋەتىپ، «جامائەت ئالدىدا ئوقۇغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەل» دەپ بۇيرۇدى. نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇك ئورالغان تېرە پۈتۈكنى ئېلىپ كەلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan