Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 34:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 34:7
18 Iomraidhean Croise  

يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.


ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇش بولۇۋاتقان يەردىن تاپتى.


ئۇ يەھۇدىيەنىڭ تاغلىرىدا شەھەرلەرنى، ئورمانلىرىدا قورغان ۋە مۇنارلارنى ياساتتى.


كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىن زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


شۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقانلار بېرىپ، ئۆزلىرى قۇربانلىق سۇنغان ئاشۇ بۇتلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ ياردەم سورايدۇ. ئەمما بۇ بۇتلار ئۇلارنى بالايىئاپەتتىن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ.


بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ، يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا ۋەھىي كەلدى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيەگە ۋە يېرۇسالېم خەلقىگە ئۇقتۇرغىن: ‹پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلاڭلار، خەلق يىغىلسۇن! مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرسۇن!


كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.


ئەي لاكىش ئاھالىسى، ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار! چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ، سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار.


ئۇلار بارلىق شەھەرلىرىڭلارنى قورشىۋالىدۇ. سىلەرنىڭ تايىنىدىغان ئېگىز، مۇستەھكەم سېپىللىرىڭلار ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان پۈتۈن زېمىنىڭلاردىكى شەھەرلىرىڭلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ.


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.


يارمۇت پادىشاھى لاكىش پادىشاھى


يارمۇت، ئادۇللام، سوكوھ، ئازېقا،


لاكىش، بوزقات، ئەگلون،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan