يەرەمىيا 34:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ‹سىلەرگە سېتىلىپ، ئالتە يىل خىزمىتىڭلارنى قىلغان ئىبرانىي قۇللارنى يەتتىنچى يىلى چوقۇم ئازاد قىلىڭلار› دېگەنىدىم. لېكىن ئەجدادلىرىڭلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. Faic an caibideil |
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟ مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق! قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار، ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.
مەن سىلەرگە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم. ئۇلار سىلەرگە: ‹يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، توغرا ئىش قىلىڭلار. باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەپ، ئۇلارغا چوقۇنماڭلار. شۇندىلا سىلەرگە ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن بۇ زېمىندا ياشىيالايسىلەر.› دېدى. لېكىن سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار.