Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 33:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، خەلقىم دۈشمەننىڭ ئۆز سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ شەھەردىكى ئۆيلەرنى، ھەتتا يەھۇدىيە پادىشاھىنىڭ ئوردىسىنىمۇ بۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ياغاچ، تاشلىرىنى ئېلىپ، سېپىل تاملىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 33:4
11 Iomraidhean Croise  

يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر، سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.


سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ. سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ.


ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ. شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ. قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.


ئىگىمىز ئۆزىنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن ۋاز كەچتى ۋە ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى تەرك ئەتتى. سىئوندىكى ئوردا سېپىللىرىنى دۈشمەنگە تاپشۇردى. دۈشمەنلەر خۇددى بايرام بولغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا قىيقاس-چۇقان كۆتۈردى.


ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.


ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.


ئاندىن ئويۇلغان شەھەرنىڭ مۇھاسىرىدە قالغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ، ئەتراپىغا سېپىلغا چىقىدىغان ئىنشائاتلارنى ياسا، توپا دۆۋىلە، بارگاھ قۇر، قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇر.


ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.


لېكىن شەھەرنى قورشاش ئۈچۈن مېۋىسىز دەرەخلەرنى كەسسەڭلار ۋە ئۇلارنى تاكى شەھەرنى ئالغۇچە ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan