3 ماڭا ئىلتىجا قىلغىن، مەن جاۋاب بېرىمەن. ساڭا سەن تېخىچە بىلمەيدىغان ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى دەپ بېرىمەن.
پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ يېنىدىدۇر، ئۇنى چىن دىلىدىن سېغىنغانلارغا يېقىندۇر.
خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
جاۋاب بېرىمەن ئىلتىجا قىلغىنىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن ئېغىر كۈنلىرىدە، قۇتقۇزۇپ ئۇنى، سازاۋەر قىلىمەن شۆھرەتكە.
مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى، مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن. مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم: ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.
سىلەر ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئەجەبا، يەنە قايىل بولمامسىلەر؟ مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى، سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىق ئىشلارنى بىلدۈرىمەن.
ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.
ئۇلار چوقۇم ئۆزئارا: «پەرۋەردىگار نېمە دەپ جاۋاب بەردى؟» ياكى «پەرۋەردىگار نېمە دەيدۇ؟» دەپ سورىسۇن.
ئۇ ۋاقىتتا ماڭا يۈزلىنىپ، ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن.
«ئى پەرۋەردىگار ئىگەم، سەن ھەقىقەتەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتتىڭ. سەن ئۈچۈن ھېچقانداق قىيىن ئىش يوق!
«مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن قىلالمايدىغان ئىش بارمۇ؟
ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا: _ بىز ئەرشتىكى خۇدادىن ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرنى يېشىشىمىزگە ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنەيلى، _ دېدى.
ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى، ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى، چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.
شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا، ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا. بىزگە بەردىڭ تىلىگىنىمىزنى، بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»
ئۇ چاغدا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك، سىئون تېغىدا ۋە يېرۇسالېم شەھىرىدە ھايات قالغان كىشىلەر بولىدۇ، ھايات قالغانلار دەل پەرۋەردىگار چاقىرغان كىشىلەردۇر.
دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا ئۇلارغا مۆجىزە كۆرسەتكىنىمدەك، سىلەرگىمۇ مۆجىزە كۆرسىتىمەن.»
بۇنىڭ بىلەن، بىر پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتىلغان مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «ئاغزىمنى تەمسىل سۆزلەش بىلەن ئاچىمەن، دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىر بولۇپ كەلگەن ئىشلارنى تىلغا ئالىمەن.»
پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.Œ»
بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! ئۇ ھاياتىمىزدا نامايان بولۇۋاتقان ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بارلىق تىلىكىمىز ۋە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ.
لېكىن سىلەر ئۇ يەردە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭلار، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئىزدىسەڭلار، تاپالايسىلەر.
بىز ھەر قېتىم پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا ئىلتىجا قىلغىنىمىزدا، ئۇ بىزگە شۇنچىلىك يېقىندۇر. قايسى ئۇلۇغ خەلقنىڭ مۇشۇنداق خۇداسى بار؟
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»