يەرەمىيا 33:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى22 خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.» Faic an caibideil |
ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىللار مەندىن يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلاردا، لاۋىيلارنىڭ زادوق نەسلىدىن بولغان روھانىيلارنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئىبادەتخانامدىكى ۋەزىپىلىرىنى ساداقەت بىلەن ئادا قىلىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا خىزمىتىمنى قىلىپ، قۇربانلىقلارنىڭ مېيى ۋە قانلىرىنى ماڭا سۇنسا بولىدۇ.