يەرەمىيا 33:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 مەن، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: گەرچە بۇ يەر ھازىر قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلار قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە قايتىدىن پادىچىلار پادىلىرىنى ئوتلىتىدىغان ئوتلاقلار پەيدا بولىدۇ. Faic an caibideil |
يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، شۇنداقلا يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىدىن، بىنيامىن زېمىنلىرىدىن، غەربىي ئېدىرلىقلاردىن، تاغلىق رايونلاردىن ۋە نەگېب چۆللۈكىدىن خەلقلەر كېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە باشقا قۇربانلىقلار، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە ئىسرىقلارنى سۇنىدۇ. ئۇلار يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.