Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يەرەمىيا 32:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇنداق قىلىپ، مەن ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلدىن سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام كۈمۈش تۆلىدىم.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يەرەمىيا 32:9
11 Iomraidhean Croise  

تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى.


شۇڭا مىدياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، ئىسمائىللارغا يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتتى. سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.


پادىشاھ ئۆتكەندە، ئۇ پەيغەمبەر ۋارقىراپ: _ مەن خىزمەتكارلىرى ئۇرۇش مەيدانىغا بارغانىدىم. بىرسى مېنى كۆرۈپ، ئەسىر ئالغان بىر ئادەمنى قېشىمغا ئېلىپ كېلىپ: «بۇ ئادەمگە قاراپ تۇر، ئەگەر ئۇنى قاچۇرۇپ قويساڭ، جېنىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن ياكى 35 كىلو كۈمۈش تۆلەيسەن» دېدى.


بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم.


ئەگەر ئالىيلىرى خالىسىلا، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرگەيلا. مەن ئىمپېرىيەمىزنىڭ خەزىنىسىگە 345 مىڭ كىلو كۈمۈش تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، _ دەپ مەلۇم قىلدى.


ئەگەر ئۆكۈز باشقىلارنىڭ قۇلى ياكى دېدىكىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆكۈزنىڭ ئىگىسى قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەرسۇن ھەم ئۆكۈز چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلسۇن.


نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.


ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.


شۇڭا مەن ئايالىمنى 170 گىرام كۈمۈش ۋە 150 كىلو ئارپىغا سېتىۋالدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan