يەرەمىيا 32:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم. Faic an caibideil |