يەرەمىيا 32:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 _ تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى خانامئېل يېنىڭغا كېلىپ، ساڭا: «ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى سەن مېنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمدۇرسەن. قانۇنغا ئاساسەن سەن ئۇ يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇقسەن.» دەيدۇ. Faic an caibideil |
كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.