42 چۈنكى مەن بۇ خەلققە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنىدىم. ئەمدى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان بارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىمەن.
بۇرۇنقى چاغلاردا، مەن بۇ خەلقنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ يىقىتتىم. ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم ۋە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىپ كۆزەتتىم. لېكىن كەلگۈسىدە مەن يەنە ئۇلارنى ئۆستۈرۈپ، قۇدرەتلىك قىلىپ كۆزىتىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
مەن پەرۋەردىگار شۇنداق ئېيتىمەنكى، مېنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيەگە قىلغان شەپقەتلىك ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ.
ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.
ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئەمرىسىز بولغانمۇ ئاپەت ياكى ئامەت؟
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي، مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.